كىنوچى كىنو فىلىم ئامبىرى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى !
باشلانما سۆز :
ھەي ، يېڭى بېكىتىمىزگە خۇش كەلدىڭىز ! بۇ بىزنىڭ يېڭى كىنو - فىلىم سۇپىمىز ھېسابلىنىدۇ ! سىز بۇيەردە ئەڭ يېڭى فىلىم ئۇچۇردىن بەھىرلەنگەندىن سىرت ، ھەرقايسى فىلىملەرنىڭ ئامبار تۈزۈش ۋە تەرجىمە پىلانىغا قاتنىشالايسىز !
بىزنىڭ بۇ پىلاننى تۈزگىلى خېلى بولدى ، مانا بۇ بولسا بۇ پىلاننىڭ يېرىم ھاسىلاتى ۋە 0.5 نەشىرى ، بەلكىم بېكىتىمىزنىڭ بەزەن يەرلىرى تېخى ئويلىغىنمىزدەك (ئويلىغىنڭىزدىكىدەك) بولمىغان بولىشى مۇمكىن ، شۇڭا بىز بۇ نەشىرنى يېرىم ھاسىلات ھېسابلىدۇق ، قېنى بىزگە قوشۇلۇپ ، بېكىتىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىڭ !
بېكىتىمىز ھەققىدە :
ئەمسە مەن بېكىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مەزمۇن ۋە ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي ! بېكىتىمىزنىڭ مەزمۇنى بولسا «كىنو - فىلىم ، شەخىس ماتىرىيال ئامبىرى » نى ئاساس قىلغان ، يەنى كىنو ، تىلىۋىزىيە تىياتىرى ، ئارتىس ۋە شەخىس نىڭ ماتىرىياللىرىنى ساقلاشنى كۆرستىدۇ .
فىلىم (كىنو - تىلىۋىزىيە تىياتىرى)
تەپسىلىي قىلىپ ئېيتقاندا فىلىمدە بولسا : فىلىمگە قاتناشقان ئارتىس تىزىملىكى ، فىلىم كىرىم ، چىقىم ، تەپسىلات ، مۇناسىۋەتلىك رەسىم ، ئېلان رەسىم ، مۇناسىۋەتلىك ۋىدىئو ، مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش (ھەرقايسى سۈزۈكلۈك ۋە خەتلىك خەتسىز فىلىم مەنبەسىنى كۆرسىتىدۇ) ، مۇكاپات ئېرىشىش ئەھۋالى (ھەرقايسى فەستىۋاللاردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئەھۋالى - بۇ ئىقتىدار كىيىنكى نەشىردە قوشۇلىدۇ.) ، مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ، فىلىمدىكى پىرسۇناژ چۈشەندۈرلىشى (بۇ ئىقتىدار كېيىنكى نەشىردە قوشىلىدۇ !) ،
ئەزالارنىڭ شۇ فىلىم بولغان تەسىرات ۋە باھاسى دېگەندەكلەردىن تەركىپ تاپقان .
مىسال : ھەييار ئۇلىنىش : مېنى بېسىڭ !
شەخىس ( ئارتىس ، رىژىسسور ..... قاتارلىقلار )
ئارتىس ۋە شەخىسدە بولسا : ئارتىس تەپسىلاتى (ئۇچۇرلىرى ۋە تەرجىمھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، قاتناشقان فىلىملىرى ، مۇناسىۋەتلىك رەسىم ۋىدىئولار ۋە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر، ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى دېگەندەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ !
مىسال : جەكۈن فىنىكىس ئۇلىنىش : مېنى بېسىڭ !
تەرجىمە (كىنو ياكى تىلىۋىزىيە تىياتىرى)
تەرجىمە بولسا بېكىتىمزنىڭ قوشۇمچە ئىقتىدارى ، بۇ ئىقتىداردا ئاساسلىق فىلىم تەرجىمە قىلىشنى كۆرستىدۇ !
يەنى ئەزالار بىرلىكتە تور يۈزىدىلا بىر فىلىمنىڭ خەت ھۆججىتىنى بىرلىكتە تەرجىمە قىلالايدۇ دېگەن گەپ !
تەپسىلىي قىلىپ ئېيتقاندا : مەلۇم ئەزا تەرجىمە پىلانى يوللايدۇ ، يوللىغاندا خەت ھۆججىتى (ass خەت ھۆججىتى) نى چىقىرىدۇ ، سېستىما ئاپتۇماتىك خەت ھۆججىتىنى ئامبارغا رەتلەپ كىرىگۈزىدۇ ۋە ئىنگىلىزچە قىسىمنى ئاپتۇماتىك ئۇيغۇرچە قىلىپ تەرجىمە قىلىپ ، ئۈلگە تەرجىمە جۈملە قىلىپ قوشۇپ قويىدۇ ! سېستىما پۈتۈنلەي خەت ھۆججىتىدىكى بارلىق جۈملىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەزالار ھەر بىر جۈملىگە قارىتا ئۆزى توغرا دەپ ئويلىغان تەرجىمە جۈملە ھالىتىنى يوللىيالايدۇ ! باشقۇرغۇچى ياكى تەرجىمە پىلان يوللىغۇچى ئاشۇ تەرجىمە جۈملىلەرنى بىردىن كۆرۈپ چىقىپ ، قايسى ياخشى بولسا شۇنى باش تەرجىمە جۈملە (يەنى توغرا جۈملە) قىلىپ بېكىتىپ قويۇپ ، بارلىق جۈملىلەرنىڭ باش جۈملىسى تاللىنىپ بولغاندىن كېيىن خەت ھۆججىتى ھالىتىگە(ass خەت ھۆججىتىنى كۆرسىتىدۇ) ئىلتىماس قىلىپ چىقىرىۋالسا بولىدۇ ! ئاندىن تەرجىمە پىلانىنى تاماملاشقا ئىلتىماس قىلىۋەتسىلا بولىدۇ !
ئۇنىڭدىن سىرت ، ھەرقايسى ئەزالار تەرجىمە گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ، خاس تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە پىلانلىرىنى يوللىيالايدۇ !
يەنە تېخى يېڭى ئەزا ياكى ئاكتىپ ئەزالارنىڭ ياخشى چىققان تەرجىمە جۈملىلىرىنى مۇكاپاتلاش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ !
مىسال : قوشىلىۋاتىدۇ .....
ئاخىرىدا :
مانا بۇ بېكىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە ئىقتىدارى ، بەزى ئىقتىدارلار تېخى قوشىلىۋاتىدۇ ، ئۇلارغىمۇ ئاستا ئاستا تەپىسلىي چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارىمىز !
|